ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنسنىڭ سۆزى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنسنىڭ 24‏-ئۆكتەبىر ۋاشىنگتوندىكى ئەقىل ئامبىرى ‏- ۋىلسون مەركىزىدە سۆزلىگەن ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتى ھەققىدىكى نۇتقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 25‏-ئۆكتەبىر مايك پەنسنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى «تەكەببۇرلۇق»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىگەن.

مايك پەنس پەيشەنبە كۈنى ۋىلسون مەركىزىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا، خىتاينىڭ قەرز دىپلوماتىيەسى، ھەربىي كېڭەيمىچىلىك، دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇش، نازارەت دۆلىتى بەرپا قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ، ئەركىن سودا ۋە ئادىل رىقابەت پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتى ۋە قىممەت ئۆلچىمىگە بۇزغۇنچىلىقى قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. 

ئۇ نۇتقىدا يەنە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ، «خىتايدىكى مىليونلىغان ئېتنىك مىللەتلەر ۋە دىنىي ئاز سانلىق گۇرۇپپىلار (كوممۇنىستىك )پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشىغا قارشى تىركەلمەكتە. خىتاي كومپارتىيەسى خرىستىيان پوپلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئىنجىل سېتىشنى چەكلىدى. چېركاۋ ۋە مەسچىتلەرنى چېقىپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئۇيغۇرنى قامىدى. بىز بېيجىڭنى ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمان خەلقلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى جاۋابكارلىققا تارتتۇق. پرېزىدېنت ترامپ تېخى ئۆتكەن ئايدىلا خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرغان ۋە ئۇنىڭغا ھەمكارلاشقان 20 خىتاي ج خ ئىدارىسى ۋە 8 خىتاي شىركىتىگە ئىمبارگو يۈرگۈزدۇق» دېگەنىدى. 

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ جۈمە كۈنى ئامېرىكانىڭ «مەسئۇلىيەتسىز پىكىردە بولۇشنى توختىتىشى» نى تەلەپ قىلغان. ئۇ، ئامېرىكانىڭ «پۈتۈن ئەخلاق ئىزنالىرىنى ۋە ئىشەنچىلىكلىگى» نى يوقاتقانلىقىنى، ۋاشىنگتوننىڭ «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئۆز ئارا ئىشەنچكە زىيان سېلىشنى توختىتىشى» نى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

بۇ، مايك پەنسنىڭ يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە 2‏-قېتىم نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتىنى شەرھىلىشى ۋە ھەر ئىككى قېتىمدا ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشىدۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت