تەڭرىتاغ خەۋىرى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇلايلىق كارت بىكار قىلىنىدۇ

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.04.27

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن يەنى 27-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىندا ئۇيغۇر رايونىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىر يىلدىن بېرى قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش قۇلايلىق كارتنى 1-مايدىن باشلاپ بىكار قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان، خىتاي ئاخباراتى قۇلايلىق كارتنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە بۇرۇن خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن مۇناسىۋىتىنى تىلغا ئالمىغان، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ئاخبارات باياناتىدا قۇلايلىق كارتنى بىكار قىلىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ 27 تەدبىرىدىن بىرى دەپ تونۇشتۇرۇلغان.

تەڭرىتاغنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنىڭ داۋامىدا يەنە، قۇلايلىق كارت يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بېرى، ئۇنىڭ ئاھالىلەرگە بىر قاتار ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ۋە قۇلايلىق كارت بىكار قىلىنغاندىن كېيىن مىللەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ۋە سىڭىشىشنىڭ قويۇقلىشىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئاھالىلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئىللىيدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇلتۇردىن بۇيان ئاتالمىش قۇلايلىق كارت تۈزۈمىنىڭ رايوندا يالغۇز ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغانلىقى، بۇ خىل مىللىي ئايرىمچىلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قاتناش ئەركىنلىكى قاتارلىق بىر قاتار كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.