جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر ئېلىدە پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى «تەۋرەنمەي» ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.01.31


ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 30 - دېكابىردىكى بىر يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىدە پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى «تەۋرەنمەي» ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، بۇ سۆزلەرنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇم يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ يىغىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قوزغىغان چىرىكلىككە زەربە بېرىش كۆرۈشى كۈچەيگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ نەچچە ئونلىغان ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى چېرىكلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.

جاڭ چۇنشيەن بۇ يىغىندا يەنە ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر ئېلىنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش چىڭ تۇتۇلغانلىقى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چېرىكلىككە قارىشى كۈرەشنىڭ رايون مۇقىملىقىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەرىكەت سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 28 - يانۋاردىكى يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلدىكى قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئاتالمىش تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن جىنايەتچىلەرنى چاقماق تىلىكىدە بىر تەرەپ قىلغانلىقى، شۇڭا بۇلارنىڭ ئادىل سوتلانغانلىقىغا گۇمان بىلەن قاراشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېرىككە قارىشى تۇرۇش كۆرۈشى ھەققىدە توختالغان بەزى مۇلاھىزىچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ كۈرەشنىڭ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ياقتۇرمايدىغان ئەمەلدارلارنى زەربە نىشانى قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.