خىتاي دائىرىلىرى خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇر قوشنىلىرىغا قارشى «مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى» بىلەن قوراللاندۇرۇشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-11-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك دائىرىلەر خىتاي پۇقرالىرىنىڭ «مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى» نى سېتىۋېلىپ، قوشنا ئۆيلەردىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە قارىتا «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» نى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«زىمىنستان» ناملىق دىنىي ئەركىنلىك تورىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئون ئائىلىلىك بىرلەشمە مۇداپىئە پروگراممىسى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ سىياسىتى بۇ يىل 4‏-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. مەزكۇر پروگراممىدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۆمۈر قالپاق، قالقان، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابى، پەلەي، مۇداپىئە پىنجىكى، سىم تور قاتارلىق قوراللارنى سېتىۋېلىشى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، «بىرلەشمە مۇداپىئە پروگراممىسى» غا قاتناشقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئۇيغۇرلارنىڭ قىياپىتى ۋە كىيىم-كېچەكلىرىگە دىققەت قىلىشى، كىيىم كېچىكىدە ئاي يۇلتۇزنىڭ بەلگىسى بار كىشىلەرنى، ساقال قويغان ئەركەكلەرنى، ھىجاپلانغان ئاياللارنى ۋە «باشقا گۇمانلىق شەخسلەر» نى نازارەت قىلىشكەن. خەۋەردە يەنە خىتاي ئائىلىلەرنىڭ ئۆيىگە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ۋە بىخەتەرلىك كامېراسى سېتىۋېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى تەلەپ قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئاۋۋال قۇمۇل شەھىرىدە بىر ئىدارىنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئىدارىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇۋېتىپ، خىتاي خىزمەتچىلەرگە ئايرىم يىغىن ئاچقان. ئۇ يىغىندا «10 ئائىلىلىك بىرلەشمە مۇداپىئە پروگراممىسى» نى تونۇشتۇرۇپ، بۇ پروگرامما ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتكە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بۇ پروگرامما قۇمۇل، سانجى، كۈيتۇن، شىخەنزە، خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئىجرا قىلماقتا ئىكەن. خەۋەردە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يۇقىرىقى ئەسۋابلارنى ئۆز پۇلىغا سېتىۋېلىپ، دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ۋە دىنغا قارشى ھەم «ئەسەبىيلىك» نى تۈگىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت