جېيمىس دورسېي: «خىتاي ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئىپادىلىنىشىگە قارشى تۇرۇۋاتىدۇ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-04-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئاساسىدا خۇددى تىبەتلەرگە ئوخشاش كۈچلۈك بىر مۇھاجىرلار توپى ھاسىل قىلىشىدىن ۋايىم يەۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

تەتقىقاتچى جېيمىس دورسېينىڭ 3-ئاپرېل ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ بىر ھالقىسى ئافغانىستاننى مۇشۇ قۇرۇلۇشنىڭ تەركىبى قىسمىغا ئايلاندۇرۇش ھەمدە بۇ جايدا ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي بازىسىنى تەسىس قىلىش، شۇ ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقانداق كىشىنىڭ «سىياسىي تەربىيە» گە قاتناشماي تۇرۇپ چەتئەلگە چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولماقتا ئىكەن.

بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستاننىڭ مىس كانلىرىغا ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ سالغان ھەمدە ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ ۋاخان كارىدورى ئارقىلىق خىتايغا بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

ئاپتورنىڭ پىكىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستاندا ھەربىي بازا قۇرغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يەرلىك ئاھالە بۇنىڭ راستلىقىنى كۆپ قېتىم دەلىللىگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستانغا 70 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەربىي ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت