مائارىپ نازارىتى ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدىكى «مىللەت ئۆزگەرتىش شەرتى» نى تۈزىتىشكە مەجبۇر بولدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-05-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۈرۈمچى ۋاقتى 23-ماي كەچ سائەت 20 دە مائارىپ نازارىتىنىڭ مىكرو بلوگىدا تۇيۇقسىزلا «خىتاي تىلىدا ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتايلار قوبۇل قىلىنىدىغان كەسىپلەرگە ئىلتىماس قىلسا، مىللىتى دېگەن كاتەكچىگە ئۆز مىللىتىنى تولدۇرسا بولىدۇ» دېگەن ئۇقتۇرۇشنى چىقىرىپ، ئەسلىدىكى بەلگىلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 19-ماي كۈنى مائارىپ نازارىتىنىڭ مىكرو بلوگىدا ئېلان قىلغان «2013-يىللىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئۇقتۇرۇشى» دىكى بەلگىلىمىدە «خەنزۇلار قوبۇل قىلىنىدىغان ئىش ئورۇنلىرىغا خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغان ياكى ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغانلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەنزۇچە ئوقۇغان ياكى ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەر، جەدۋەلدىكى مىللەت تەركىبى دېگەن كاتەكچىگە «خەنزۇ» دەپ يېزىشى شەرت، مىللەت تەركىبىنى تەكشۈرگەندە يەنە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىمۇ قوشۇپ ئەكېلىشى كېرەك» دېگەن بايانلارنى بەرگەن بولۇپ، بۇ ئۇقتۇرۇش ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. ئۇيغۇربىز تورىنىڭ 23-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بەلگىلىمىلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سىننا قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە تەنقىدى ئىنكاسلارغا سەۋەب بولغان.

بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى رادىئومىزغا بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئۇقتۇرۇشتىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ «مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى» نىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدىكى ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە گەرچە مائارىپ نازارىتى تورداشلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرىدىن كېيىن ئەسلىدىكى بەلگىلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتالغان بۇ زېمىندا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ ئېغىر بولغان مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت