ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونلىرىدا 1500 نەپەر «مىللىي سوتچى» تەربىيەلىنىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-04-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» ئۆزىنىڭ ئىنگلىزچە خەۋەرلەر سەھىپسىدە مەخسۇس خەۋەر تارقىتىپ، خىتاي ئالىي سوتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەردىن سوتچى يېتىشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «2015-يىلى خىتاي ئالىي سوتى مىللىي رايونلاردا مىللىي سوتچىلار كەمچىل بولۇش ئەھۋالىغا 5 يىل ئىچىدە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر قارار ماقۇللىغان. ھازىرغىچە، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي-جەنۇب مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە غەربىي-شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا 3 تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇپ چىقىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ۋە تىبەت تىللىرىدا ياخشى سۆزلەيدىغان 300 نەپەر يەرلىك مىللەت سوتچىسىنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقى مەلۇم.

«خەلق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەردىن يېتىشىپ چىققان سوتچىلارنىڭ ئۆز مىللىتىنى تېخىمۇ ياخشى قانۇنىي خىزمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ قالماي، بەلكى رايوندا قانۇننىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ئادەتتىن تاشقىرى ۋەزىيىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈزمىڭلاپ كىشىنى ‹يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى› غا قانۇنسىز ھالدا قامىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا سوتچى يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىققان. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى تېز سۈرئەتتە سوتچى يېتىشتۈرۈشكە ئالدىرىماقتىكەن.»

دەرۋەقە، يېقىندا رادىيومىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىمۇ يەرلىكتە بەزى كىشىلەرگە سوت ھۆكۈم قەغىزىنىڭ ساقچىخانا تەرىپىدىن بېرىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا سوتچى ۋە سوت سىستېمىسىنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەب بولغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

«خەلق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئالىي سوتى سىياسىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شۈ جياشىن بۇ رايونلاردىكى سوتچى يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن سوتچى تەكلىپ قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پروگراممىلارنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت