موسكۋادىكى ئۇيغۇرلار ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.06.18

رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى باشقارمىسى تەرىپىدىن 30 كۈنلۈك رامزان ئېيىدا ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان كوللېكتىپ ئىپتارلىشىشنى مەقسەت قىلغان «رامزان چېدىرى» دەپ ئاتالغان پائالىيەتتىن رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى قاتارىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ مەخسۇس نۆۋەت ئايرىلغان.

رۇسىيە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى، جۈملىدىن «ئۇيغۇر تودەي» تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 13-ئىيۇن كۈنى موسكۋا شەھىرىدىكى مەسچىت يېنىغا تىكىلگەن رامىزانلىق چېدىردا ئىپتار بېرىش پائالىيىتى مەخسۇس موسكۋا ئۇيغۇرلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، شۇ كۈنكى ئىپتارلىق پائالىيەت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان كەچلىك پائالىيەت شەكلىدە ئۆتكەن.

ئىپتار پائالىيىتى داۋامىدا يەنە «موسكۋا ۋە سانكىت-پېتېربۇرگ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى رەفقەت سادىقوف ۋە باشقىلار سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇچراۋاتقان دىنىي-سىياسىي ۋەزىيەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختالغان. موسكۋا شەھىرى مۇفتىسى ئىلدار ئالىيادىنوف پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىغا رەھمەت ۋە تەبرىكلىرىنى بىلدۈرگەن.

مۇراسىمدا يەنە بىشكەكتىن كەلگەن ئۇيغۇر ناخشىچى ۋە سازەندىلەر ئۇيغۇرچە مىللىي ناخشا-مۇزىكىلىرىمۇ ئورۇندىغان. بۇ قېتىملىق ئىپتار پائالىيىتىگە موسكۋادا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە ھەر مىللەت ئاھالىسىدىن 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. موسكۋا ئۇيغۇرلىرى ئۆتكەن يىلىدىكى رامىزاندىمۇ شۇ خىلدا بىر قېتىم چوڭ كۆلەمدە پائالىيەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.

موسكۋا ۋە سانكىت-پېتېربۇرگ ئۇيغۇر مىلى مەدەنىيەت بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رەفقەت سادىقوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، موسكۋا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 500 دىن ئارتۇق بولۇپ، ھازىر پۈتۈن رۇسىيەدە 5 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالىسى تارقاق ياشىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.