خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بىخەتەرلىك يىغىنىدا لاگېرلارنى ئاقلىدى
2019.06.03
خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې 2-ئىيۇن سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بىخەتەرلىك يىغىنى - «شاڭرىلا دىيالوگى» دا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئاقلىغان.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭدا ‹كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش مەركەزلىرى› ئارقىلىق خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرمەكتە» ئىكەن. بۇ تۇنجى قېتىم مىنىستىر دەرىجىلىك بىر خىتاي ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىك يىغىنىدا لاگېرلارنى ئاقلىشىدۇر.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ئايدا 3 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرنىڭ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئورۇنلارنى «جازا لاگېرلىرى» دەپ ئاتاشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ۋېي فېڭخې لاگېرلار ھەققىدىكى سۆزلەرنى يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب قىسمىدا تەكىتلىگەن. ئۇ «شىنجاڭدا خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆسكەنلىكى، بىخەتەر ھەم مۇقىم تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى» نى ئەسكەرتىپ، «شۇڭا، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتى تامامەن توغرا» دېگەن. ۋېي فېڭخېنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «كەسپىي ماھارەت مەركەزلىرى» نىڭ مەقسىتى تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەلقنى مەزكۇر رايوننىڭ تەرەققىياتىدىن بەھرىمەن قىلىش ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر رايوندا بۇنداق بىر ئورۇننىڭ بارلىقىنى رەت قىلىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2018-يىلى 8-ئايدىن كېيىن بۇنداق مەركەزلەرنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇ ئورۇنلارنى «كەسپىي ماھارەت مەركەزلىرى» دەپ ئاتىغان ئىدى. ۋېي فېڭخې يىغىندا يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1989-يىلى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغانلىقى ئاقلىغان. ئۇ تيەنئەنمېن ھەرىكىتىنىڭ بىر «سىياسىي قالايمىقانچىلىق» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى قوراللىق باستۇرۇشتىن باشقا چارىسى يوقلىغىنى تەكىتلىگەن. ۋېي فېڭخې «مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ قالايمىقانچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرى توغرا. بۇ خىتاينى مۇقىم تەرەققىيات بىلەن تەمىنلىدى» دېگەن.
بۇ يىغىندا ۋېي فېڭخېدىن بىر كۈن ئاۋۋال ئامېرىكىنىڭ مۇۋەققەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پاترىك شاناخان سۆز قىلغان. ئۇ خىتاينىڭ تېخنىكا ئوغرىلاش قىلمىشى بىلەن جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ يەنە خىتاي تېخنولوگىيە شىركىتى-خۇاۋېينىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ناھايىتى يېقىن ئالاقىسى بارلىقىنى، ئۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.