ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ ئاشلىق ۋە يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان رايونى بولۇپ قالغان
2024.03.27
رامىزان كۈنلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى ئەركىن تۇنياز ئاپتونوم رايوننىڭ يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىك خىزمەت يىغىنىنى ئاچقان.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 25-مارت كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىدا ئەركىن تۇنياز كۆرسەتمە بېرىپ، «شىنجاڭنىڭ گۈزەل تائاملىرى ئارقىلىق ساياھەتچىلىك ئىستېمالىنى جانلاندۇرۇش»، «مەكتەپلەردە يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى تەرتىپكە سېلىشنى قانات يايدۇرۇش»، «ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىنى بۇزىدىغان ساختا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى تەشۋىقاتى ۋە ئالدامچىلىققا زەربە بېرىش» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.
بۇ يىغىندا «ئەلا سۈپەتلىك مايلار، يېشىل ۋە ئورگانىك كۆكتاتلار، يېڭى گۆشلەرنى بازارغا سېلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى قوغداش» نىڭ ئالاھىدە تەكىتلىنىشى بىر جەھەتتىن خىتايدا يېمەك-ئىچمەك سۈپىتىنىڭ خېلىلا ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەكتە. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولغىنىدەك، خىتايدا ساختا مەھسۇلاتلار ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۇلار يېمەك-ئىچمەك ساھەسىگىمۇ كىرگەن. شۇ سەۋەبتىن خىتايدا ساختا سۈت پاراشوكى، ساختا ھاراق، ئەۋرەز ياغلىرى ۋەقەلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقى، ئاشخانىلاردا ئەۋرەز مايلىرىنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقى مەلۇم.
ئۇيغۇر رايونى «يېمەك-ئىچمەك ساياھەتچىلىكى» رايونى بولۇپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئاشلىق بازىسى بولۇپ قالغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي 26-مارت كۈنى ئىلى ئوبلاستىغا تەكشۈرۈشكە بارغاندا، «ئاشلىق ئالىدىغان يەرنى كۆپەيتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى مۇقىم ئاشۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا سودىدا جازاغا ئۇچراۋاتقان خىتاي نۆۋەتتە نىشاننى ئاشلىق ۋە باقمىچىلىققا قاراتقان. يەنە بىر جەھەتتىن خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە چېكىنگەنلىكى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ھەمدە ئۇيغۇر رايونىنى ئاشلىق، گۆش ۋە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشتەك ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويماقتىكەن.









