ئۇيغۇر ئېلىدە ئالتە شىركەت ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى بۇزۇش بىلەن جازالاندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.10.27

خىتاي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدە بىر قىسىم شىركەت ۋە ئورۇنلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى بۇزۇش ئەھۋالى تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، يېقىندا ئالتە شىركەت ئېكولوگىيىلىك مۇھىت بۇزۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىسمى ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئالتە شىركەت ئىچىدە سانجى تۇڭگان ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ تيەنلوڭ كانچىلىق ھەسسىدارلىق شىركىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئىلى يېڭى كۆمۈر كان گازى ھەسسىدارلىق شىركىتى, ئىلى ئالاھىدە ھارىقى ھەسسىدارلىق شىركىتى ۋە باشقىلار بار. بۇ شىركەتلەر ئىچىدە ئۈچى دەرھال ئىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلغان، قالغان ئىككى شىركەتكە بىر مىليون 500 مىڭ يۈەندىن 900 مىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قانۇنىنى بۇزۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن مەزكۇر ئالتە شىركەت پەقەت كۆلىمى كىچىك شىركەتلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئارقا تېرىكى كۈچلۈك بولغان، بىۋاسىتە دۆلەتكە قارايدىغان ئەڭ چوڭ بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ مۇھىت بۇزۇش ئەھۋاللىرى جازانىڭ سىرتىدا قالغان.

ھازىر ئىلى ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۆمۈردىن گاز ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن يەرلىك ئاھالىلاردا مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار كۆپەيمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.