خىتاي «مۇلەن» فىلىمى ھەققىدە خەۋەر بېرىشنى چەكلىگەن
2020.09.10
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا «مۇلەن» فىلىمگە ئائىت ھېچقانداق خەۋەر تارقاتماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇنى ئاز دېگەندە ئۈچ مەنبەدىن جەزملەشتۈرگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قارار ئالغانلىقى ئېنىق ئەمەسكەن. بىراق رويتېس ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە دىسنېينىڭ ھازىر بۇ فىلىمنى جازا لاگېرلىرى مەۋجۇت تۇرپاندا سۈرەتكە ئالغانلىقتىن زور بېسىم ئاستىدا قالغانلىقىنى قەيت قىلغان. «مۇلەن» فىلىمى ئۈچۈن دىسنېي 200 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان بولۇپ، دىسنېي شىركىتى بۇ فىلىم ئارقىلىق خىتايدىن زور پايدا قازىنىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان ئىكەن.
ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ تىۋىتتېرگە بۇ ھەقتە ئىنكاس يېزىپ: «‹مۇلەن› فىلىمى خىتايدا كۆزلىگەن پايدىنى ئالالمايدىغاندەك تۇرىدۇ. چۈنكى خىتاي بۇ فىلىم ھەققىدە خەۋەر تارقىتىشنى چەكلەپتۇ. دىسنېي ۋىجدانىنى بىكارغا ساتقان بولدى. بىراق بىز ‹مۇلەن› نى بايقۇت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز،» دېگەن.
دىسنېي شىركىتىنىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئوخشىمايدىغان مۇئامىلىدە بولۇۋاتقانلىقى، يەنى ئىككى خىل ئۆلچەم قويۇۋاتقانلىقى مەسخىرە تېمىسى بولماقتا. ئامېرىكادىكى «بابىلون ھەرىسى» ناملىق تور بەتمۇ بۇ ھەقتە كىنايىلىك خەۋەر ئېلان قىلىپ، دىسنېي شىركىتىنىڭ پۇلنى دەپ خىتايدىكى جازا لاگېرلىرى يېنىدا فىلىم سۈرەتكە ئالغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.









