مىسىر سوتى سابىق مىسىر پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسىغا يەنە بىر مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-06-19
Share

قاھىرە سوت مەھكىمىسى سابىق مىسىر پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسىغا دۆلەتنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى پاش قىلىش جىنايىتى ئارتىپ يەنە بىر مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قاھىرە سوتى شەنبە كۈنى مۇرسى بىلەن چېتىشلىق باشقا ئالتە ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەل - جەزىرە تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئىككى خادىمى ۋە باشقا بىر نەپەر مۇخبىر بار ئىكەن. يەنە باشقا ئىككى كىشى مۇرسى ئىشخانىسىنىڭ خادىملىرى ئىكەن.

مىسىرنىڭ سوت تەرتىپى بويىچە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ھۆكۈمى مىسىر ئالى مۇفىتلىكىگە يوللىنىپ، مۇفتىلىكنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

مۇھەممەد مۇرسى مىسىردىكى ئىنقىلابتىن كېيىن ئەركىن سايلام ئارقىلىق پرېزىدېنتلىققا سايلانغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىيىتىنىڭ ۋەكىلى ئىدى. ئۇ، 2013 - يىلى، 7 - ئايدا مىسىر ھەربىي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان ۋە سوت تەرىپىدىن ئۇنىڭغا ھەر خىل جىنايەتلەر ئارتىلىپ، ئۆلۈم جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ۋە مۇددەتلىك تۈرمە جازاسى بېرىلگەن ئىدى.

شەنبە كۈنىدىكى سوتتا ئۇنىڭغا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى پاش قىلىش ۋە جاسۇسلۇق جىيانەتلىرى ئارتىلىپ، يېڭىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئالتە نەپەر ئادەمگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ۋە مۇخبىرلارغا چىقارغان ئەيىبلەشنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت