خىتاي مەسئۇد ئەزھەرنى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە يەنە توسقۇنلۇق قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-11-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي پەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى رەت قىلىش ھوقۇقنى ئىشلىتىپ، ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ پاكىستاندىكى رادىكال ئىسلام تەشكىلاتى ‏- «جائىش-ئې مۇھەممەت» نىڭ رەھبىرى مەۋلانە مەسئۇد ئەزھەرنى ب د ت نىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىگە كۆرگۈزۈشكە يەنە توسقۇنلۇق قىلغان. بۇ خىتاينىڭ مەسئۇد ئەزھەرنى تېررورلۇق تىزىملىككە كىرگۈزۈشكە 3‏-قېتىم توسقۇنلۇق قىلىشىدۇر.

ھىندىستان «ز-خەۋەرلەر» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تەرەپ مەسئۇد ئەزھەرنى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش تەكلىپىنى، بۇ مەسىلىدە دۆلەتلەرنىڭ «پىكىر بىرلىكى يوق» دەپ رەت قىلغان.

خىتاي 2016‏-يىلى 3‏-ئايدا ھىندىستاننىڭ مەسۇد ئەزھەر ھەققىدىكى تەكلىپىنى بىر قېتىم رەت قىلغان. خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 15 دۆلەت ئىچىدە ھىندىستاننىڭ تەكلىپ لاھىيەسىگە قارشى چىققان بىردىن -بىر دۆلەت ئىدى.

ئۇ، بۇ يىل 8‏-ئايدا تېخنىكىلىق سەۋەبلەرنى باھانە قىلىپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنى 3 ئاي ئۇزارتقان. بۇ تەكلىپ پەيشەنبە كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە يەنە كۈنتەرتىپكە قويۇلغان ئىدى. بىراق بۇ قېتىم خىتاي ئۇنىڭغا يەنە رەت ئاۋازى بەرگەن.

ھىندىستان «ز-خەۋەرلەر» تور گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بەزى ئەمەلدارلار «خىتاي بۇ تەكلىپكە قارىتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق پىكرى بىرلىكى يوق بولغاچقا رەت قىلدى،» دېگەن. ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئىزچىل «جائىش-ئې مۇھەممەت» ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى مەسۇد ئەزھەرنى ھىندىستندا يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پىلانلاش ۋە ئىجرا قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلدى.

بەزى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي بىر تەرەپتىن، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇنىڭ ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق كۈچلىرى» گە قارشى كۈرىشىنى قوللاشقا چاقىرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، پاكىستاندىكى «تېررورلۇق گۇرۇھلار» غا قانات يېپىپ كەلمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت