«مۇسۇلمانلار ساداسى» ناملىق خەۋەر تور بېتىدە ئۇيغۇر شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-31
Share

ئەنگىلىيەدە قۇرۇلغان، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ھەققىدىكى ئاڭنى ئاشۇرۇش مەقسىتى بىلەن پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان «مۇسۇلمانلار ساداسى» ناملىق خەۋەر تور بېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوت يۈرەك شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلدى.

ماقالىدە ئۇيغۇر شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي غۇرۇرىنىڭ مۇھىم مەنبەسى ۋە مەدەنىيەت ئىپتىخارى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىنتايىن قىسقا بولغان ئەمما جەڭگىۋار ھاياتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تارىخى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان شۇنداقلا شائىرنىڭ ئەڭ نادىر ئەسەرلىرى ھېسابلىنىدىغان «يىللارغا جاۋاب» ۋە «خىيالچان تىلەكلەر» ناملىق شېئىرلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

ماقالىدە تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان: «لۇتپۇللا مۇتەللىپ 23 يېشىدا ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھېلىھەم خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي غۇرۇرى ۋە مەدەنىيەت ئىزنالىرىنىڭ سىموۋلى بولۇشى داۋام قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر مىليوندىن ئوشۇق مۇسۇلماننى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مازارلىقلىرىنى ۋەيران قىلماقتا. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسىمۇ ‹قەبرىلەرنى رەتلەش› دېگەن نام ئاستىدا يۆتكىۋېتىلگەن. . . ئۇنىڭ ھازىر زادى نەدىلىكى ئېنىق ئەمەس.»

ماقالىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى ھوقۇقلىرىغا ۋە ھاياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئوخشاش زاتلارنى يادلاپ تۇرۇش ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئىنتايىن يۈكسەكلىكى تەكىتلەنگەن. ماقالە «گەرچە خىتاي لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسىنى ۋەيران قىلغان بولسىمۇ، ئۇ قالدۇرغان مىراسلار، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ۋە ھاياتى كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ يادىدا مەڭگۈ قالغۇسى!» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت