مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتى: «ئاز دېگەندە 30 نەپەر ئۇيغۇر مۇخبىر ۋە تەھرىر تۇتقۇندا»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-03-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە بۈگۈن ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا ئۇيغۇر رايونىدا 2016- ۋە 2018-يىللىرى ئارىسىدا يەرلىك ئاخبارات-نەشرىيات ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان ئاز دېگەندە 30 نەپەر تەھرىر ۋە مۇخبىرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاخباراتنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرى سادىر قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا قېچىپ كېلىۋاتقانلىقى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزكۇر ماقالىدا ئۇيغۇر رايونىدا 2017-يىلى لاگېر تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان ئۇچۇر ئېلىشنىڭ ھەسسىلەپ قىيىنلاشقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئېرىك خۇ تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ماقالىدا ئاپتورنىڭ لاگېردىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغانلىقى، تېلېفوننى قوبۇل قىلغان خادىمنىڭ ئاپتورنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلغانلىقى ۋە شۇنداقلا ئاپتورنى بۇ ھەقتە قايتا سوئال سورىماسلىققا بۇيرۇق قىلغانلىقى يېزىلغان.

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايوندىكى ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپى چەتئەلدىن كەلگەن تېلېفونلارنى قوبۇل قىلمايدىغان بولۇۋالغان. ماقالىدە ئۇيغۇر رايونىدا ئاز دېگەندە 30 نەپەر تەھرىر ۋە مۇخبىرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرغا «خىتايغا ياردەم» (China Aid) تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىنى مەنبە قىلىپ كۆرسەتكەن. مەزكۇر مەنبەدە ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، ئابدۇراخمان ئەبەي، ئابدۇكېرىم راخمان، ئىلھام ۋەلى، ئەركىن تۇرسۇن قاتارلىق لاگېرلارغا قامالغان 124 نەپەر ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان.

خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ جۈمە كۈنى «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا دۇنيا بويىچە تۇتقۇندىكى 251 مۇخبىرنىڭ 33 نەپىرىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى ۋە بۇلاردىن 3 نەپىرىنىڭ تۇتقۇندىكى گۈلمىرە ئىمىن، ئاتىكەم روزى ۋە چىمەنگۈل ئاۋۇت قاتارلىق ئۇيغۇر ئايال سەرخىللەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت