ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ھېيت نامىزى ئۆتەشتىن توسۇش ھەلەكچىلىكىدە

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.08.07

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەر مۇسۇلمان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ھېيت نامىزى ئۆتەشتىن توسۇش ئۈچۈن، روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلغان.

«ئۇيغۇربىز» تورى بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەن.

«ئۇيغۇربىز» ئېلان قىلغان بىر پارچە سۈرەتلىك خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ بۇ ھەقتە چىقارغان بىر ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېگەن: مەكتىپىمىز 2013- يىلى 8- ئاينىڭ 8- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 8 دە روزى ھېيتلىق بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچى. بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتىدا قاتنىشىنى سورايمىز.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى كۇچادىكى بىر ئوقۇتقۇچى «ئۇيغۇربىز» مۇخبىرىغا ھەر يىللىق قۇربان ۋە روزا ھېيت نامىزى مەزگىلىدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چوقۇم مەكتەپكە يىغىلىشى شەرت قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنى يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلەش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.