نامرات ناھىيە ئۇلۇغچاتتىن 120 توننا ئالتۇن زاپىسى تېپىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نامرات ناھىيىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىن 120 توننا ئالتۇن زاپىسى تېپىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر 5-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ شىنخۇا تورىدا ئېلان قىلىندى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىل 8-ئايغىچە ئېنىقلانغان سانلىق مەلۇماتتىن، ئۇلۇغچات ناھىيىسىنىڭ ئالتۇن كېنىدىكى يېڭىدىن بايقالغان زاپاس ئالتۇننىڭ مىقدارى 70 توننا دەپ مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئەسلىدىكى ئالتۇن زاپىسىنى قوشقاندا، ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە ھازىرغىچە ئېنىقلانغان ئالتۇن زاپىسى 120 توننا دەپ بېكىتىلگەن.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى «ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىن يېڭىدىن تېپىلغان ئالتۇن زاپىسى بۇ ناھىيىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشى ئۈچۈن پۇرسەت» دەپ تەشۋىق قىلماقتا. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى باشقىچە بولۇپ، ئۇلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر ۋە باشقا يەر ئاستى، يەر ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن تالان-تاراج قىلىنغىنىغا ئوخشاش، ئۇلۇغچاتتىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭمۇ بۇ بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.