دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش پىلانى» نى تەقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-02-19
Share

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش پىلانىنى تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش نامىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ ئەنەنۋىي مەدەنىيەت قىممەت قارىشىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ سۆزلەرنى خىتاينىڭ 2020‏-يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى 21 ناھىيەنى پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتقۇزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىغا قارىتا ئېيتقان. خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىيدىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشنىڭ 3 يىللىق پىلانىنى ئېلان قىلغان.

دائىرىلەر بۇ يىل 400 مىڭ كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇلارنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭغا قانچىلىك خىراجەت ئاجرىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپىنچە ھاللاردا يۇقىرىقى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى نامراتلىق مەسىلىسىنى ئۇلارغا قۇتقۇزۇش پۇلى بېرىش ياكى ئۇلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىتاي كارخانىلىرىغا مەجبۇرىي يۆتكەش ئارقىلىق ھەل قىلىپ كەلگەن. ئەمما بۇ ئىش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياش ۋە ئەڭ ئاكتىپ نوپۇسىنى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە پىلانلىق يىغىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە پەن-تەتقىقات ئۆگىنىش يولىنى تاقىغان. قالغان نوپۇسىنىڭ بىر قىسمىنى كۆچمەن ئىشچىلارغا، يەنە بىر قىسمىنى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش پىلانى «ئۇيغۇرلارنى ئۆز مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە، خىتاي مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەۋاتىدۇ،» دېدى.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، 2020‏-يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يۇقىرىقى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدىكى نۇقتىلىق 192 ئورۇنغا ھۆكۈمەت خادىملىرىنى چۈشۈرۈپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا» ياردەم قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت