خىتاي، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەرنى نامراتلىقتا قۇرۇق سۆڭەككە ئوخشاتقان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-02-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبى ۋىلايەتلىرىدە يېڭىدىن يەر تەقسىماتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە بىر خەۋەر بەردى.

خەۋەردە بۇ تەقسىماتنىڭ مەقسىتى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلۈش بىلەن بىرلىكتە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر 3 ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستنى نامراتلىق جەھەتتە بىر قۇرۇق ۋە قاتتىق سۆڭەككە ئوخشاتقانلىقى ھەم شۇنىڭغا قارىتا تەدبىر بەلگىلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئوخشىتىشنىڭ رايوننىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە يەرلىك خەلقنىڭ خاراكتېرىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋاشىنگتون شەھىرىدە ياشاۋاتقان كۆزەتكۈچى ئۇچقۇنجان ئەپەندى، رايوندا دەۋرلەردىن بېرى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مۇستەملىكە سىياسەت ۋە نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ساقچى دۆلىتىگە خاس بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ رايوندىكى خەلقنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن باش كۆتۈرگۈزمەيۋاتقان توسۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مەزكۇر 4 ۋىلايەت ۋە ئوبلاستنىڭ نامراتلىقىنىڭ مەملىكەت بويىچە سېلىشتۇرغاندا قۇرۇق ۋە قاتتىق بىر سۆڭەككە ئوخشايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ نامراتلىقنىڭ سەۋەبىنىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىمۇ ئەسكەرتىلگەن. خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئۇچقۇنجان ئەپەندى: «ئەگەر خىتاي قەشقەر ۋە خوتەننى مۇقىملىق تەدبىرلىرى ئۈچۈن قاتتىق سۆڭەككە ئوخشاتقان بولسا، بۇ توغرا، ئەلۋەتتە قەشقەر ۋە خوتەن ئاسانلا يۇتۇۋالغىلى بولىدىغان لوق گۆش ئەمەس»، دېدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن مەزكۇر خەۋىرىدە قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە 2 مىليون 800 مىڭ مو قايتۇرۇۋېلىنغان يەرلەرنىڭ قايتىدىن بىردەك پىلان بويىچە تەقسىملىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان؛ ئەمما يەرلەرنىڭ كىملەرنىڭ قولىدىن ئېلىنىپ كىملەرنىڭ قولىغا مەركەزلىشىدىغانلىقى، يەرلەرنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ۋە ئەسلى ئىگىلىرىگە تۆلەم تۆلىنىدىغان ياكى تۆلەنمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ياكى يىپ ئۇچى بېرىلمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت