د ئۇ ق: «ئۇيغۇر ئېلىدا 1 مىليون 390 مىڭ كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقى گۇمانلىق»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.11.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە 1 مىليون 390 مىڭ كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، 1286 كەنتنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان يۇقىرىقى ئاھالىلار ۋە كەنتلەرنىڭ خېلى زور قىسمى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇيىدىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستقا جايلاشقان ئىكەن.

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنتى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نىيە ناھىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 ناھىيەنى نامرات ناھىيىلەر تىزىملىكىدىن ئېلىپ تاشلىغان. يەرلىك تاراتقۇلار بۇنى زور ۋەقە سۈپىتىدە داغدۇغىلىق خەۋەر قىلغان ئىدى. بىراق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى 5 يىلدا 1 مىليون 390 مىڭ كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت جۈمە كۈنى رادىيومىزدا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، «خىتاي نامراتلىقتىن قۇتۇلدى دېگەن بۇ ئاھالىلار ئىشلەپچىقىرىش ياكى ئىگىلىك تىكلەش بىلەن ناماترالىق قالپىقىنى تاشلىغان ئەمەس. ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى خىتاينىڭ مۇقۇملىققا سالغان سىياسى مەبلىغى بىلەن مۇناسىۋەتلىك،» دەپ كۆرسەتتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 2012‏-يىلى ئېچىغلان 18‏- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامراتلارنى يۆلەشكە 20 مىليارد 193 مىليون يۈەن سەرپ قىلغان.

خەۋەردە، بۇنىڭ 80 پىرسەنتى جەنۇپتىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا سلېىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق دىلشات رىشىت، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ كىشىلەرگە ئىجتىماىي كاپالەت پۇلى بېرىش ياكى ۋاقىتلىق سىياسىي سېلىنمىغا تايىنىدىغان مۇقىملىق ئىشلىرىغا سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كىرىمىنى سۈنئىي ئۆستۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، «بۇ كىشىلەرنىڭ ئاتالمىش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ۋاقىتلىق ھادىسە،» دىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا يەنە 1 مىليون 220 مىڭ نامرات ئاھالە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ 92 پىرسەنتى جەنۇپتىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا تارقالغان ئىكەن. خەۋەردە ھۆكۈمەتنىڭ پىلانى بۇ كىشىلەرنى 2020‏-يىلدىن بۇرۇن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت