ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسى تەيۋەندە ئۆركەش دۆلەت بىلەن كۆرۈشكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.08.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم خىتاينىڭ كۆپ قېتىملىق تەھدىتلىرىگە قارىماي، 8-ئاينىڭ 2-كۈنى تەيۋەنگە چۈشۈپ ئۆتكەن ۋە ئۆزىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى بۇ مۇھىم زىيارىتىنى باشلىغان. نەنسى پېلوسىنىڭ بۇ قېتىم تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى، 25 يىلدىن بۇيان ئامېرىكانىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

نەنسى پېلوسى خانىم تەيۋەنگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن مۇھىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ تەيۋەندىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى قوغدايدىغانلىقىنى، مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ تەھدىتى ۋە زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان خەلقلەرگە يار-يۆلەك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن قاتارلىق دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن باشقا، يەنە تەيۋەندىكى ھەر ساھە زاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆرۈشكەن؛ شۇ قاتاردا تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، 1989-يىلدىكى تيەنئەنمېىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان ئۆركەش دۆلەت بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەر قانداق يەردە، ھەر قانداق سورۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

نەنسى پېلوسى خانىم 8-ئاينىڭ 3-كۈنى يوللىغان تىۋېتىدا تەيۋەندىكى دېموكراتىك زاتلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن ۋەكىللەر ئۆمىكىمىز تەيۋەندىكى سابىق سىياسىي جىنايەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ‹ناتى كىشىلىك ھوقۇق مۇزېيى› نى زىيارەت قىلدى. ئاندىن بىز ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئاڭلىدۇق ۋە ئۇلارنىڭ جاسارىتىدىن ئىلھام ئالدۇق».

نەنسى پېلوسى خېنىم تەيۋەننى زىيارەت قىلىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۆركەش دۆلەت ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا مۇنداق دەپ يازغان: «شۇنداق جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كوممۇنىست خىتايغا نەچچە ئون يىل مۇجىمەل سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەنىدى، نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى بۇنىڭغا خاتىمە بېرىدۇ. يەنە شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن، دۇنيادا يىپيېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.