خىتاينىڭ خىرىسى تۇنجى قېتىم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ئىستىراتېگىيە تەسسەۋۋۇرىغا كىرگۈزۈلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022-04-08
Share

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ۋە دېموكراتىيەگە سېلىۋاتقان سىستېمىلىق خىرىسى تۈپەيلى ئۇنىڭ يەر شارىۋىي تەسىرى ۋە مەجىبۇرلاش سىياسىتىنى تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ يېڭى ئىستىراتېگىيە تەسسەۋۇرىغا كىرگۈزگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ تەسىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 6-ۋە 7-ئاپرېل كۈنلىرى بېريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان. ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ 7-ئاپرېل ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ياردەمنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلغانلىقىنى ئېيتقان. ش ئا ئە ت نىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئۇكرائىنا، گروزىيە، شىۋېتسىيە، فىنلاندىيەدىن باشقا ئۇنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى شېرىكلىرىدىن ئاۋستىرالىيە، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ قاتناشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ رۇسىيەگە بولغان مالىيە ۋە ھەربىي ياردىمى ش ئا ئە ت دا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىش ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئۇ ئاسىيە-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ رۇسىيەگە ياردەم قىلىشىنى توسۇشنى ئۈمىد قىلماقتا ئىكەن. ستولتېنبېرگ ئاخبارات يىغىنىدا مۇنداق دىگەن: «بىز خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى تەنقىد قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆردۇق. بېيجىڭ بىلەن موسكۋا ئىزچىل باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز يولىنى تاللاش ھوقۇقى بارلىقىدىن گۇمان قىلىپ كەلدى. بۇ بىزنىڭ ھەممىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن جىددىي خىرىس. بۇ بىزنىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، قىممەت قارىشىمىزنى قوغدىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتىنى يەنىمۇ ھېس قىلدۇردى.»

مەلۇم بولۇشىچە، ش ئا ئە ت تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى يەنە بۇ يىل 6-ئايدىكى مادرىد باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن ش ئا ئە ت نىڭ كېيىنكى باسقۇچلىق ئىستراتېگىيە تەسەۋۋۇرىنى مۇزاكىرە قىلغان. ستولتېنبېرگ، ش ئا ئە ت نىڭ يېڭى ئىستراتېگىيە تەسەۋۋۇرى يېڭى بىخەتەرلىك رېئاللىقىغا ماسلىشىپ، خىتاينىڭ تەسىر كۈچى ۋە مەجىبۇرلاش خاراكتېرلىك سىياسىتىنى ئويلىشىشقا ئېھتىياج تۇيغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى «تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىر كۈچى ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك سىياسىتىنىڭ بىخەتەرلىكىمىزگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چوقۇم ئويلىشىشى زۆرۈر بولدى،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت