نازاربايېف: ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى سوۋېت ئىتتىپاقىنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018.01.07

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف «ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى» قۇرۇشنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى «قايتىدىن قۇرۇش» بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، بۇ سۆزلىرىنى ئۆزىنىڭ يېڭىدىن نەشر قىلغان «مۇستەقىللىق ئېراسى» ناملىق كىتابىدا تەكىتلىگەن. ئوتتۇرا ئاسىيا خەۋەرلىرى تورىدا قەيت قىلىنىشىچە، نۇرسۇلتان نازاربايېف ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنىڭ ھەرگىزمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەمەسلىكىنى ئۆزىنىڭ 2011-يىلىلا تەكىتلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، شۇ ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ «سوۋېت ئىتتىپاقى ھېچقاچان ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەيدۇ ۋە ياكى تىرىلدۈرۈلمەيدۇ، بۇ پەقەت ئۆتمۈشنىڭ خام خىيالى، گۇمان ۋە ھايانكەشلىكتىن ئىبارەت» دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىن تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارادا پۇتىننىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان مەزكۇر «ئىتتىپاق» نى سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتلەر، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى قايتىدىن يېڭىچە شەكىلدە رۇسىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىكى بىر سىياسىي-ئىقتىسادىي ئىتتىپاققا توپلاش دەيدىغان تۈرلۈك قاراشلار داۋاملاشماقتا ئىدى. 

ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى 2015-يىلى 1-يانۋاردىن ئېتىبارەن ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ، رۇسىيە، ئەرمېنىيە، بېلارۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇنىڭ ئەزاسىدۇر. نۆۋەتتە، بۇ ئىتتىپاق بىرلىككە كەلگەن تەبىئىي گاز ۋە ئورتاق نېفىت بازىرى قۇرماقچى بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە بۇ مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.