NBA نىڭ تۈرك ۋاسكېتبول چولپىنى ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.10.22

ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى-NBA دا توپ ئوينايدىغان تۈرك چولپىنى ئەنەس كانتەر 22-ئ‍ۆكتەبىر تۋىتتېردا سۆز قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇر لاگېر تۇتقۇنلىرىنى بوشىتىشقا، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك بېرىشكە چاقىرغان. ئۇ يەنە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى «نومۇسسسىزلىق» ۋە «مۇناپىقلىق» دەپ ئەيىبلىگەن. ئەنەس كانتەر بۇنىڭ سەل ئالدىدا تىبەتلەرگە ئەركلىنلىك تەلەپ قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭ كاماندىسى «بوستون سېلتەكىس» نىڭ تېڭشۈن تورىدىكى ۋاسكېتبول ئويۇنلىرىنى چەكلەپ قويغان. بىراق ئۇ بۇنىڭ ئارقىدىنلا تۋىتتېردا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ۋىدېيو ئېلان قىلغان.

ئۇ مۇنداق دىگەن: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. شۇ تاپتا، مەن دەل بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە. قىيىن-قىستاق، مەجبۇرى بالا چۈشۈرۈش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئائىلىلەرنى پارچىلاش، جازا لاگېرلىرى، سىياسى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى، مەجبۇرى ئەمگەك قاتارلىقلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە بىر مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلاردا، يەنى خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى شىنجاڭ دېگەن جايدا يۈز بېرىۋاتىدۇ.»

ئەنەس كانتەر يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان تۈركىي قەۋم ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئ‍ۆز دىنىي، مەدەنىيىتى، تىلى، تارىخى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ كەلگەنلىكى ئۇچۈن خىتاينىڭ يوقىتىش نىشانلىغا ئايلانغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى يوقىلاڭ باھانەلەر بىلەن يوقىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە بۇ قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلغان ۋە ئۇنى كۆرمەسلىككە سېلىۋاتقان مۇسۇلمان دۆلەت رەھبەرلىرىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلئەزىز، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەمىرى مۇھەممەد بىن زائىد، ئىران پرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسىگە خىتاپ قىلىپ: «خىتاي بىلەن سودا قىلىش ۋە پۇل تېپىشنى كىشىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشۇڭلار، نومۇسسىزلىق ۋە مۇناپىقلىقتۇر» دېگەن. ئۇ يەنە مىسىرلىق داڭلىق پۇتبۇل چولپىنى مۇھەممەت سالاھ، ئامېرىكالىق ۋاسكېتبول چولپىنى كەرىم ئابدۇلجاپپار، ھىندىستانلىق كىنو چولپىنى ئامىر خانلارنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەشكە چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.