NBA نىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەشىق مەركىزى قۇرۇشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-08-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتى NBA نىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۈرۈمچىدە مەشىق مەركىزى قۇرۇشى تەنقىدكە ئۇچرىدى.

ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس ۋە ژۇرنالىست ئىساك ئىستون فىش 20‏-ئاۋغۇست ئامېرىكىدىكى «سىلەيت» ناملىق توردا ماقالە ئېلان قىلىپ، NBA نىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈر بېرىۋاتقان بىر رايوندا مەشىق مەركىزى قۇرۇشىنىڭ ئەخلاقىي ئۆلچەمگە سىغمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«NBA نېمە ئۈچۈن شىنجاڭدا» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليوندەك مۇسۇلماننىڭ «ئىدىيەسىنى داۋالاش» دېگەن سەۋەب بىلەن جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، قۇرۇلۇش توختاملىرى ۋە مۇخبىرلارنىڭ خەۋەرلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەشىق مەركىزى 2016‏-يىلى 10‏-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭدا 14 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان 240 نەپەر ۋاسكېتبول ھەۋەسكارى تەربىيەلەنمەكتە. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، NBA نىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەشىق مەركىزى ئۇنىڭ خىتايدىكى 3 مەشىق مەركىزىنىڭ بىرى ئىكەن.

ماقالىدا، «خىتايدەك ئىستىبدات دۆلەتلەر بىلەن سودا قىلىشتا شىركەتلەرنىڭ ئەخلاقىي، سىياسىي تاللاشقا ئۇچرايدىغانلىقى مۇقەررەر بولسىمۇ، بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، دەپ قاراۋاتقان بۇ رايونغا NBA دەك بىر ئورۇننىڭ مەشىق مەركىزى ئېچىشى پۈتۈنلەي باشقا بىر مەسىلە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدا، پرېزىدېنت ترامپ بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ۋىزا ئېمبارگوسى قويغاندا NBA دىكى بەزى ئاتاقلىق شەخسلەرنىڭ بۇنىڭغا قارشى چىققانلىقى، NBA كومىسسارى ئادام سىلۋېرنىڭ «بۇ چەكلىمە تۈپ قىممەت قارىشىمىزغا ۋە NBA نى ھازىرقى شۆھرەتكە ئىگە قىلغان نېگىزلىك پرىنسىپىمىزغا خىلاپ» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، «بىراق شىنجاڭچۇ؟ مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرى يېتىم بولۇپ، قارانچۇقسىز قالدى. ئۇلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلىشىنى كۈتۈپ تۇرىدىغۇ» دېيىلگەن.

ئىساك ئىستون فىشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، NBA نىڭ بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار زۇۋان سۈرمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت