خىتاي تاشقىي ئىشلار مىىستىرلىقى NED نى «ئۇيغۇرلارغا پۇل بېرىپ خىتايغا قارشى ئاغدۇرمىچىلىق قىلدى» دەپ ھۇجۇم قىلغان
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 8-ماي كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئالغا سۈرۈش فوندى» (NED) نى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا پۇل بېرىپ، «شىنجاڭ مۇستەقىللىقى» غا قۇتراتقۇلۇق قىلىش، خىتاينىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ھۇجۇم قىلغان. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1983-يىلى قۇرۇلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىك ھەقلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان بۇ تەشكىلاتقا تۇنجى قېتىم ھۇجۇم قىلىشى بولمىسىمۇ، ئەمما تۇنجى قېتىم مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ ھۇجۇم قىلىشىدۇر.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى «دېموكراتىيەنى ئالغا سۈرۈش فوندى: پاكىتلار جەدۋېلى» ناملىق دوكلاتىدا، بۇ تەشكىلاتنى دۇنيادىكى بۆلگۈنچىلىك ئىسيانلىرى، «رەڭلىك ئىنقىلاپ» ۋە سىياسىي كېرىزىسلارنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى، شۇنداقلا سېربىيە، گروزىيە، ئۇكرائىنا ھەم ئوتتۇرا-شەرق ئەللىرىدىكى «ئەرەپ باھارى» نىڭ ئارقىسىدىكى قۇتراتقۇچى، دەپ ئەيىبلىگەن.
مەزكۇر دوكلاتتا NED نىڭ ھەر يىلى خىتايغا قارشى پروگراممىلارغا زور مىقتاردا مەبلەغ سېلىپ، «شىنجاڭ مۇستەقىللىقى»، «خوڭكوڭ مۇستەقىللىقى» ۋە «تىبەت مۇستەقىللىقى» غا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنى پۇل بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، ئۇلارنىڭ «شىجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «بىر مىليون ئادەم تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قامالغان» دېگەندەك ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ دوكلاتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىغا يېتەرلىك دەلىللەر بار، دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ دەلىللەرنى رەت قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قوبۇل قىلمىغان، ئۇنىڭ 5-ئاي ئىچىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى پەقەتلا «دوستانە زىيارەت» دائىرىسدە چەكلىگەن بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان. خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» مۇ 8-ماي ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، NED نى 2004-يىلدىن 2020-يىلغىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى 8 مىليون 760 مىڭ دوللار ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلىگەن، دەپ ئەيىبلىگەن.