خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم نېفىت ئۇچاستىكىلىرىغا خېرىدار چاقىرغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-10-24
Share


رېيتېرسنىڭ 20 - ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئۇچاستىكىلىرىغا مەبلەغ سالغۇچى خېرىدار چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بۇرغىلاشنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك كونترول قىلىدىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت ئۇچاستىكىلىرىغا خېرىدار چاقىرىش بەك كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئىكەن.

رېيتېرسنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەردە بىر ھۆكۈمەت خادىمىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ تېلېۋىزىيە ئېلانلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى جەمئىي 3 نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئۇچاستىكىسىنى بازارغا سالغان.

نەتىجىدە بېيجىڭدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت قوللايدىغان بېيجىڭ ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش ھەسسىدارلىق شىركىتى خىتاي ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى جۇڭگو نېفىتىگە ئوخشاش 13 كۈچلۈك رىقابەتچىسىنى يېڭىپ، بۇ نېفىتلىكلەرنى ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

خەۋەردە بۇ قېتىم خېرىدار چاقىرىلغان نېفىتلىكنىڭ قەيەرگە جايلاشقانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، بېيجىڭ شىركىتى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نېفىت ئۇچاستىكىسىغا 16 مىليارد خىتاي پۇلى چىقارغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2014 - يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان نېفىت زاپىسى 5.6 مىليارد توننا بولۇپ، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە كۈنىگە جەمئىي 540 مىڭ تۇڭ نېفىت ئىشلەپ چىقىرىدىكەن.

خىتاي 2010 - يىلدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش قەدىمىنى جىددىي تېزلەتكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت