خىتاي نەنجىن قىرغىنچىلىقى ئىنكار قىلىنغان ژۇرنال سەۋەبلىك ياپونىيەنىڭ ئاپا مېھمانخانىسىنى بايقۇت قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.01.24

22-يانۋار يەكشەنبە كۈنى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدىكى ئاپا مېھمانخانىسىدا، نەنجىن قىرغىنچىلىقى ئىنكار قىلىنغان بىر ژۇرنال بايقالغان بولۇپ، بۇ ۋەقەدىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى 23-يانۋار دۈشەنبە كۈنى نارازىلىق باياناتى بەرگەن. 24-يانۋار خىتاي دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى يەنە، ياپونىيەدە زەنجىرسىمان تىجارەت قىلىدىغان ئاپا مېھمانخانىسىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ياپونىيەگە بارىدىغان خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ ئاپا نامىدىكى مېھمانخانىلاردىن ياتاق ئېلىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خىتاينىڭ نارازىلىقىغا قارىتا ياپونىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 23-يانۋار دۈشەنبە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى تارىخىي ۋەقەلەرنى بەك يۇقىرى پرىنسىپقا كۆتۈرۈۋەتمەسلىككە چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا ئائىت تارىخ كىتابلىرىدا 1937-يىلى ياپون ئارمىيىسى ئەينى چاغدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پايتەختى نەنجىننى ئىگىلەش ئۇرۇشىدا مەزكۇر شەھەردىكى خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى قەيت قىلىنىدىغان. خىتايدا «1937-يىلدىكى نەنجىن قىرغىنچىلىقى» يەنە، مۇھىم تارىخىي ۋەقە سۈپىتىدە خىتاي مەكتەپلىرىنىڭ تارىخ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئەمما ياپونىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى ھەققىدىكى تارىخىي ماتېرىياللىرىدا بولسا، ئەينى يىلى خىتاينىڭ گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن ياپونىيە ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا نەنجىن شەھىرىنى تالىشىش ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئۇرۇشتىن كېيىن غەلىبە قىلغان ياپون ئارمىيىسى شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن، خىتاي تەكىتلىگەن ئاتالمىش «نەنجىن قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.