خىتاينىڭ لاگېرلارغا دائىر 403 بەتلىك مەخپىي ھۆججىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا دائىر 400 بەتلىك مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» گە بېسىلغان خەۋەردىن سۈرەتكە ئېلىنغان. 2019-يىلى 16-نويابىر.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا دائىر 400 بەتلىك مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» گە بېسىلغان خەۋەردىن سۈرەتكە ئېلىنغان. 2019-يىلى 16-نويابىر.
nytimes.com

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 16‏-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا دائىر 403 بەتلىك مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلىشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئېلزابېت ۋارېن 16‏-نويابىر كۈنى تۋېتتىردا «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «قورقۇنچلۇق كەمسىتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دەپ ئەيىبلىگەن.

ئېلزابېت ۋارېن، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتقان شەپقەتسىز ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك مۇئامىلىسى قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدۇر. بىز دۆلەت ئىچىدە ۋە پۈتۈن دۇنيادا نەپرەتكە ھەم رادىكاللىققا قارشى دەس تۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن.

شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو تۋېتتىرغا يوللىغان ئىنكاسىدا، مەخپىي ھۆججەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى شەپقەتسىز ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىنكاسىدا: «ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى رايوندىكى مۇسۇلمانلارنى ئومۇميۈزلۈك قاماش ئارقىلىق قانداق شەپقەتسىزلەرچە، رەھىمسىزلەرچە ۋە سىستېمىلىق باستۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەردى. ئۇلار دائىرىلەرگە قەتئىي رەھىم قىلماسلىقنى بۇيرۇغان» دېيىلگەن.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى جەرىي موراننىڭ تۋېتتىردىكى ئىنكاسىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى تېزرەك ماقۇللىشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇ، «خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشى ئاشكارا دەپسەندىچىلىكتۇر. ئاۋام پالاتاسى كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغان ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى›مەسىلىسىدە تېز ھەرىكەت قىلىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى، 18‏-نويابىر كۈنى تۋېتتىردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇنىڭدا جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان. باياناتتا: «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھۆججەتلەردە ئۇزۇندىن بېرى مەلۇم بولغان نەرسىلەر ئىسپاتلاندى. ئامېرىكا ۋە خەلقئارا، بۇ رەھىمسىز ھەرىكەتنى ئېلىپ بارغان سىياسىي بيۇرو ئەزاسى چېن چۈەنگو قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو قويۇشى، دۆلەت مەجلىسى قانۇن ماقۇللاپ، بۇ قورقۇنچلۇق خورلاشقا قارشى تۇرۇشى كېرەك» دېيىلگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» 16‏-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ 403‏-بەتلىك لاگېرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججىتىنى ئېلان قىلىپ، دۇنيادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت