«نەزلە جەۋھىرى» نىڭ كلىنىكىلىق سىناققا ئۆرلىشى گۇمان قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.04.08

ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى دائىملىق دورىلاردىن بولغان «نەزلە جەۋھىرى» يېقىندا خىتاينىڭ دۆلەتلىك دورا مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، كلىنىكىلىق سىناش باسقۇچىغا كىرگەن.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 8-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى «نەزلە جەۋھىرى» نى خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۈرۈمچى شۆبىسى فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تەتقىقاتچى ھاجى ئەكبەر ئەيسا باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا خادىملار تەييارلىغان ئىكەن.

«نەزلە جەۋھىرى» ئاساسلىقى زۇكامنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىكەن. ئۇلار ھازىر ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە توققۇز خىل دورا تەييارلاۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى بۇنىڭدىكى بىرىنچى مەھسۇلات ئىكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر تېببىي ئالىملىرىدىن خالمۇرات غوپۇرمۇ دەل مۇشۇ خىلدىكى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈشكە ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ قېتىم «نەزلە جەۋھىرى» نىڭ كلىنىكىلىق سىناق باسقۇچىغا ئۆرلىشىدە قانداق ئارقا كۆرۈنۈشلەرنىڭ بارلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن گۇمانلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.