نايكې، پاتاگونىيە قاتارلىقلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك گوللاندىيەدە سوتغا بېرىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.12.03

خەلقئارا داڭلىق ماركىلاردىن زارا قاتارلىق شىركەتلەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك فىرانسىيەدە سوتقا تارتىلغاندىن كېيىن، نايكې، پاتاگونىيە، C&A قاتارلىق شىركەتلەرمۇ گوللاندىيەدە سوتقا تارتىلغان. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گوللاندىيەدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى نايكې، پاتاگونىيە ۋە C& A قاتارلىق بۇ 3 شىركەتنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىش بىلەن بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن خىتاي مال تەمىنلىگۈچى شىركەتلىرىنى ئىشلىتىپ، گوللاندىيە قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، ياۋروپادا فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەدىن كېيىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلغان 3-دېلو ئىكەن. بۇ دېلو يېقىندا ئەنگلىيەدىكى ھاللام شېفېلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقات مەركىزى خىتاينىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەردە پىششىقلاپ ئىشلەپ، داۋاملىق خەلقئارا داڭلىق ماركىلارنى مال بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان بىر ۋاقىتتا سۇنۇلغان. مەزكۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق «شىنجاڭ پاختىسى» نىڭ كېلىش مەنبەسىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەنىدى.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گوللاندىيەدىكى «ياۋروپا ئاساسى قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» ناملىق ئاممىۋى تەشكىلات بۇ ھەپتە يۇقىرىقى 3 شىركەت ئۈستىدىن گوللاندىيە سوتىغا رەسمىي ئەرز سۇنغان. مەلۇم بولۇشىچە، «ياۋروپا ئاساسى قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» بۇ داڭلىق ماركىلارنى ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە شېرىك بولۇش بىلەن بىلەن ئەيىبلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.