نىككىي خالېي: «مىشېل بەچېلېتنى تېزدىن ئىشتىن بوشىتىش لازىم!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.06.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي سەپىرى بىر قېتىملىق خاتالىق ۋە مەغلۇبىيەت، دەپ قارىلىۋاتقاندا، ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەرنىڭ بىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دىكى سابىق باش ئەلچىسى نىككېي خالېي خانىم (Nikki Haley) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «مىشېل باچېلېتنى ب د ت دەرھال ئىشتىن بوشىتىشى لازىم،» دېگەن.

«دۆلەتلىك باھا» گېزىتىنىڭ 2-ئىيۇندىكى ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، نىككىي خالېي خانىم يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «ب د ت نىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولغان مىشېل باچېلېت بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئۆزىنىڭ خىتاي ئۈچۈن تەشۋىقاتچى بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى قىرغىنچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت.» دېگەن. شۇنىڭدەك ب د ت نىڭ نىشانى ۋە خىزمەت ئەخلاقىنى قىلچىلىكمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بۇنداق بىر خىزمەتچىنى تېزدىن ئىشتىن بوشىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مىشېل باچېلېت ئۆزىنىڭ ئالتە كۈنلۈك خىتاي سەپىرى جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا زۇلۇملار ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان. شۇنىڭدەك «خىتاي ھۆكۈمىتى نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھېمايە قىلىشتا ئاجايىپ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ» دېگەن. ئۇلار يەنە يېرىم يىلدىن بۇيان بېسىپ قويۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشنى ئارقىغا سۈرۈپ كەلمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت