نىڭشيادىكى تۇڭگانلارنىڭمۇ دىنى ئەركىنلىكى قەدەممۇ-قەدەم تارتىۋېلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.02.12

يېقىندىن بۇيان ئاشكارىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلاردىن ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا دىنى ئەركىنلىكتىن كۆپ بەھرىمەن بولۇپ كەلگەن تۇڭگانلارنىڭمۇ ئەمدى ئوخشاش چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

يېقىندا نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونى جۇڭنىڭ ناھىيەسىگە قاراشلىق بىر يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چىقىرىلغان بىر پارچە ئۇقتۇرۇش ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇش يېزىدىكى ئەرەبلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەرەبچە پاسونىدا سېلىنغان ئىمارەتلەرنى بۇزۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئىستانسىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، جۇڭنىڭ ناھىيەسى «چوڭ ئۇرۇش مەيدانى» يېزىسىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشىدا مەسچىت ئىچىدە چوقۇم دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، دۆلەت سىياسىتى ۋە ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار كىتاب-ماتېرىياللارنى تارقىتىش، ئەرەبچە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان پاسونىدىكى قۇرۇلۇشلارنى چەكلەش، مەسچىت ئىچىدىكى ئەرەبچە يوسۇندا سېلىنغان دەرسخانىلارنى 3‏-ئاي ئاخىرىغىچە چېقىش، 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ئۆگىنىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق، ئۇلارنىڭ تەتىل مەزگىللىرىدە مەسچىتلەرگە بېرىشىنى چەكلەش، دىنى زاتلار چوقۇم نوپۇسى، ئادرېسى، كىملىكى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى مەلۇم قىلىش، يۇقىرى ئاۋازلىق كانايلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش قاتارلىق ماددىلارمۇ ئورۇن ئالغان ئىكەن.

مەزكۇر يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ئىلگىرىكى يىللاردا ھەر ناماز ۋاقتىدا كانايلاردا قۇرئان قويۇلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئالدىنقى يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان.

نىڭشيانىڭ جۇڭۋېي شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر تۇڭگان يۇقىرىدىكى بۇ ماددىلارنىڭ بۇلتۇردىن باشلاپلا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.