3 نەپەر تېببىي پەن ئالىمى بۇ يىللىق نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ھەمشېرىك بولغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-10-05
Share

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ سىتوكھولمدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىرېلاندىيە، ياپونىيە ۋە خىتاي ۋەتەنداشلىقىدىكى 3 نەپەر تېببىي پەن ئالىمى بۇ يىللىق نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ھەمشېرىك بولغان.

ئۇلار-ئىرېلاندىيەلىك ۋىليام كامپېل، ياپونىيەلىك ساتوشى ئومۇرا ۋە خىتايلىق تۇ يوۋيوۋ ئىكەن.

ئۇلارنىڭ مالارىيە ۋە پارازىتلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن بايقىغان دورىسى مېدىتسىنا ساھەسىدە زور بايقاشنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھەر يىلى يەر شارىدا مىليونلارچە ئىنسان مالارىيە ۋە پارازىتلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن. بۇنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈملۈك دورىنىڭ بايقىلىشى تېببىي پەن ساھەسىدە زور ئىلگىرىلەشنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.

بۇ يىللىق نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ھەمشېرىك بولغان تۇ يوۋيوۋ خىتايدا تۇرۇپ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 3-كىشى ئىكەن. ئۇنىڭ ئالدىدا ليۇ شاۋبو تىنچلىق تۈرى بويىچە، مو يېن ئەدەبىيات تۈرى بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

بۇ يىل 84 ياشقا كىرگەن تۇ يوۋيوۋ خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ خىتاي ئەنئەنىۋى تېبابىتى ساھەسىدىكى پروفېسسورى بولۇپ، ئۇ خىتاي تېبابىتىدىكى دورىلىق ئۆسۈملۈكلەردىن مالارىيە ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى دورا تەركىبىنى ئايرىپ چىققان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت