بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى يادرو قوراللىرىغا قارشى بىر تەشكىلاتقا بېرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.10.06

نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى بۈگۈن 2017‏-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ يادرو قوراللىرىغا قارشى تۇرۇشنى نىشان قىلغان بىر خەلقئارالىق تەشكىلاتقا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ خەلقئارادا ئانچە نامى چىقمىغان بىر ئورگانغا بېرىلىشى كىشىلەرنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىللىق مۇكاپاتنىڭ «خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى بىكار قىلىش ھەرىكىتى» ناملىق بۇ ئورگانغا بېرىلىشى، دۇنيادا يادرو ئۇرۇش تەھدىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ شىمالىي كورېيەگە كېڭىيىشىگە قارىتا بېرىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەن.

«خەلقئارا يادرو قوراللارنى بىكار قىلىش ھەرىكىتى» 2007‏-يىلى ئاۋسترىيە پايتەختى ۋېانادا قۇرۇلغان ئاممىۋى تەشكىلات بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتە يىلتىز تارتقان بىر خەلقئارا بىرلەشمە ئىكەن.

نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىنىڭ رەھبىرى بېرىت رېئىس ئاندېرسون بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بىز يادرو قوراللىرىنىڭ ئىشلىتىلىش خەۋپى تېخىمۇ كۈچەيگەن بىر دۇنيادا ياۋاتىمىز. بەزى دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىلغارلاشتۇرىۋاتىدۇ. يەر شارىدا شىمالىي كورېيەگە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر يادرو قوراللىرىغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇشتەك بىر رېئال تەھدىت مەۋجۇت،» دېگەن.

«خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى بىكار قىلىش ھەرىكىتى» نىڭ دىرېكتورى بېترىس فىن بۈگۈن رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، «يادرو تەھدىتى سېلىش، يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇش، ئۇنىڭغا ئېرىشىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قانۇنسىزلىقتۇر، » دېگەن.

بۇ مۇكاپات شىمالىي كورېيە ئارقا-ئارقىدىن يادرو سىناقلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن يادرو توقۇنۇشى پەيدا قىلغان شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2015‏-يىلى ئىران بىلەن ئىمزالىغان يادرو كېلىشىمىنى بىكار قىلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغان مەزگىلدە مەزكۇر ئورگانغا بېرىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.