ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خوڭكوڭلۇق دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسەتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.02.01

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى خوڭكوڭلۇق دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرىدىن جاشۇا ۋاڭ، ناتان لو، ئالېكس چۇ ۋە ئۇلار تەشكىللىگەن «كۈنلۈك ھەرىكىتى» نى 2018 يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتتى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تۆت نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە 8 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى پەيشەنبە كۈنى مەزكۇر قارارىنى جاكارلىغان. ئۇلار نورۋېگىيەدىكى نوبېل كومىتېتىغا يوللىغان مەكتۇبىدا يۇقىرىدىكى ياشلارنىڭ ۋە «كۈنلۈك ھەرىكىتى» نىڭ تىنچلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق خوڭكوڭ دېموكراتىيىسىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ يەنىمۇ كۆپ ئەركىنلىك پائالىيەتچىلىرىگە ئىلھام بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار، «يۇقىرىقى بۇ ياشلار تەھدىت، پاراكەندە قىلىش، قولغا ئېلىش، قانۇنىي جازاغا تارتىلىش قاتارلىق تەھدىتلەرگە قارشى جاسارىتىنى نامايان قىلدى،» دەپ يازغان. 

2014-يىلى جاشۇا ۋاڭ قاتارلىقلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «كۈنلۈك ھەرىكىتى» خوڭكوڭدىكى ئون مىڭلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە ھەپتىلەرچە داۋام قىلغان ئىدى. ئوقۇغۇچىلار خوڭكوڭدىكى مەركىزى تىجارەت مەيدانىدا سۈكۈتتە ئولتۇرۇش ئارقىلىق خوڭكوڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتنى خوڭكوڭ ساقچى كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق باستۇرۇۋەتكەن. نامايىش تەشكىللىگۈچىلەرنى كۆپ قېتىم «قالايمىقانچىلىق چىقىرىش، تەرتىپ بۇزۇش» دېگەندەك سەۋەبلەر ئەيىبلىگەن. جاشۇا ۋاڭنى 3 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. 

مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە جۇمھۇرىيەتچى ئەزا ماركو رۇبىيو، دېموكراتچى ئەزا گەرىي پېتېرس قاتارلىق زور تەسىرگە ئىگە كىشىلەرمۇ بار ئىكەن. 

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىمۇ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فابىئو كاستالدو، پارلامېنت ئەزاسى ئىلخان كۈچۈك، ھېلگا ترۈپېل، لازلو توكەس، ئىگنازىئو كوررائو قاتارلىقلار تەرىپىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.