تۇمشۇق شەھىرىدىكى «نوپۇس كۆچۈرۈش» ھەرىكىتىدە ئۇيغۇر دېھقانلار كۆچۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-04-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا تارىم بوستانلىقىدىكى يېڭىدىن بەرپا بولغان تۇمشۇق شەھىرىگە قاراشلىق 3-دېۋىزىيە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» شوئارى ئاستىدا قوشنا بىڭتۇەنلەردىكى خىتايلار ئارىسىغا كۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 12-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 3-دېۋىزىيە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ بىرنەچچە مودىنلا يەرلىرى بولۇپ، يېرى ئاز ئۇيغۇر دېھقانلىرى «كۆپ مىقداردا تېرىلغۇ يەر بېرىلىدۇ» دېگەن نام ئاستىدا قوشنا «بىڭتۇەن» روتىلىرىدىكى يەرلەرنى تېرىشقا يۆتكەلگەن. مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 3-دېۋىزىيە تەۋەسىدىكى بارلىق نامرات ئائىلىلەرنىڭ 99.7 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى دېكابىردىن باشلاپ ھازىرغىچە 4400 ئائىلىلىكتىن ئارتۇقراق نامرات ئۇيغۇر دېھقانلار باشقا جايلارغا كۆچۈرۈش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋېتىپتۇ. كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولسا ھەقسىز «قوش تىللىق يەسلى» لەرگە قوبۇل قىلىنىپتۇ.

تۇمشۇق شەھىرىدىكى ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ نامرات دېھقانلارنى ئۆزلىرى كۆچۈپ بارغان جايلاردىكىلەر بىلەن ئۆزئارا ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا دۆلەت تىلى ۋە يېزىقىنى ئۆگىتىش ئارقىلىق باي بولۇشقا يېتەكلەيمىز» دېگەن.

شۇنداقلا بۇ خىل نوپۇس كۆچۈرۈش تەدبىرىنىڭ ئارىلاش ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى بەرپا قىلىش، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا بىللە بولۇپ مۇقىملىقنى بىرلىكتە قوغدىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش رولى بارلىقى تەكىتلەنگەن.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ئۇيغۇرلارنى باي قىلىش› نامىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى مىللىي ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ قۇربانلىرى قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېدى.

ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، تۇمشۇق شەھىرىنىڭ ھازىرقى نوپۇسى160 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 70 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت