ئۇيغۇر دائىرىلىرى بۇ يىللىق نورۇزنى مىللەتلەر ئىتتىپاقى تەشۋىقات مەيدانىغا ئايلاندۇردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.03.21


خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىلقى نورۇز بايرىمىنىڭ «مىللەتلەر ئىناقلىقى» كەيپىياتىدا ئۆتكەنلىكى، 20-مارت كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، يېزىلاردا نورۇزلۇق سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ نورۇز ئېشى يېيىش، دالا سەيلىسى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن نورۇزنى كۈتىۋالغانلىقى تەشۋىق قىلىندى.

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەشرەپ، نورۇز، باغ-چىچەك سەيلىسى قاتارلىق ئاممىۋى بايراملارنى سىياسىيلاشتۈرۈپ، تېلىۋىزىيە قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا مىللەتلەر ئىناقلىقى تەشۋىقاتىغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەشرەپ، نورۇز قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلىرىنى ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىغا ئايلاندۇرۇپ، ئەكسىچە ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنىي تۈسى قويۇق بولغان ئۆلۈم، نىكاھ مۇراسىملىرىدىكى دىنىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە چەكلىمە قويۇش، ھەتتا رامىزان ئېيىدىكى روزا تۇتۇش، مەسچىتلەردە كوللىكتىپ ئىپتار قىلىش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» دېگەن ناملار بىلەن چەكلەۋاتقانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.