خىتاي دائىرىلىرى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى نۇرگۈل ساۋۇت خانىمغا تەھدىت سالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.12.14

خىتاي دائىرىلىرى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى نۇرگۈل ساۋۇت خانىمغا تەھدىت سېلىپ، ئەگەر ئۇ خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتىنى توختاتمىسا، ئۇنىڭ لاگېرغا قامالغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇ ئاۋسترالىيەنىڭ «بىر يول» ناملىق تور تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۇرگۈل خانىم بۇ يىل 8‏-ئايدا ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا لاگېرلارنى تاقاش ھەققىدە ئىمزالىق مەكتۇپ سۇنۇش پائالىيىتىنى قوزغاپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىمزا توپلىغان. ئاۋسترالىيە پارلامېنتى بۇ مەكتۇپنىڭ بېسىمىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرىگە قويۇپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى تاقاش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

نۇرگۈل خانىم يېقىندا فېيسبۇكتا ئۆزىنىڭ تۇرپاندىكى ئائىلە ئەزالىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى تۇغقانلىرى ئارقىلىق ئۆزىگە تەھدىت سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ «بىر يول» تور تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 13‏-دېكابىر تارقىتىلغان پروگراممىسىدا ئۆزىنىڭ 12 نەپەر ئائىلە ئەزاسىنىڭ غايىب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «ماڭا ئەگەر پائالىيىتىمنى توختاتمىسام، ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ قويۇپ بېرىلمەيدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى» دېگەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقى، بۇ تەھدىتلەرگە باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھېچكىم ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلمايدۇ. بىز توختاپ قالساق بولمايدۇ، بىز كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى يېقىندىن بۇيان ئاۋسترالىيە پارلامېنتى، ھۆكۈمىتى، تاراتقۇلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان. يېقىندا ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مايكېل دانبىي ئاۋسترالىيەنىڭ «ماگنىيتىسكىي قانۇن لايىھەسى» نى سۇنغان. ئۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىلغان بىر قېتىمقى سۆزىدە «ياكى سىز بېيجىڭنىڭ ئەمەلدارى بولۇپ بىر مىليون ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغان بولسىڭىز، بۇ قانۇن لايىھەسىنى ھەرگىز ياخشى كۆرمەيسىز» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.