نۇرى تۈركەل «زامان» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «دۇنيادا تەسىرى بار 100 مەشھۇر شەخس» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.09.23

ئامېرىكا خەلقئارادىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى تور بېتىنىڭ 22-سېنتەبىر ئېلان قىلىشىچە، مەزكۇر كومىتېتنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ 2020-يىللىق «دۇنيادا تەسىرى بار 100 مەشھۇر شەخس» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. نۇرى تۈركەل 2020-يىل 5-ئايدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى تەرىپىدىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى.

مەزكۇر تور بېتىدە نۇرى تۈركەلگە يۇقىرى باھالار بېرىلگەن بولۇپ، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تونى پېركىنس (Tony Perkins) مۇنداق دېگەن: «دەۋر ژۇرنىلى يۈز مەشھۇر شەخس تىزىملىكىگە نۇرى تۈركەلنى كىرگۈزۈپ توغرا قىلدى. چۈنكى ئۇ بىلىملىك ھەم زېرەك، ئۇنىڭ مول تەجرىبىسى ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش جەھەتتە قىلىۋاتقان ئىشلىرى ھەقىقەتەن تەقدىرلەشكە لايىق. ئۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى قىيىن ئەھۋالىنى باشقىلارغا بىلدۈردى، شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇرلارغا ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ئەھۋالدا دۇنيادىكى سىياسەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى يوسۇندا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى».

مەزكۇر تور بېتىدە يەنە نۇرى تۈركەلنىڭ بىر ئۇيغۇر ئادۋوكات بولۇش سۈپىتى بىلەن يىللاردىن بۇيان جەمئىيەت ئۈچۈن ھارماي-تالماي خىزمەت قىلىپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى قوزغىغانلىقى، يۈزلىگەن كىشىنىڭ ئامېرىكادا پاناھلىنىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى، كۆپلىگەن سىياسىي مۇھاكىمە ۋە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنلىرىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقى، خىتاي ئۆز جىنايىتىنى بار كۈچى بىلەن يوشۇرغان ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقى قاتارلىق نۇقتىلار ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

«دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى يىللاردىن بۇيان 100 مەشھۇر شەخس تىزىملىكىنى ئېلان قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى 17-قېتىملىق تىزىملىك ئىكەن. ئۇلار ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەڭ پائالىيەتچان، ئەڭ ئىجادكار، ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋە باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتەلىگەن شەخسلەرنى تاللاپ ئېلان قىلىدىكەن، تەقدىرلەيدىكەن ھەمدە بۇ ئارقىلىق كىشىلەرگە ئىلھام بېرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. «دەۋر» ژۇرنىلى 2020-يىل 10-ئاينىڭ 5-كۈنى تولۇق تىزىملىكنى ئېلان قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.