نۇرى تۈركەل «ياۋرو-ئاسىيا تەقرىزى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە جىددىي تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-05-25
Share

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل 25-ماي «ياۋرو-ئاسىيا تەقرىزى» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانى ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا قارشى جىددىي تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قاراتقان سىستېمىلىق، كۆپ قىرلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يېڭى باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، ئەگەر جىددىي تەدبىر ئېلىنمىسا، «ئ‍ۆز ۋەتىنىدە ئۇيغۇر، دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدىغان ھەرقانداق نەرسە پات ئارىدا قۇرۇق شەكىلگە ئايلىنىپ قالىدىكەن.»

نۇرى تۈركەل «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئ‍ىنكار قىلىش» ماۋزۇلىق ماقالىسىدە «21-ئەسىردىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا خەلقئارا ئىنكاسنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلى ئۇنىڭ ئالىقاچان رېئالىققا ئايلىنىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىپلا قالماي، ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىنكار قىلىپ، دۇنيادىن ئ‍ۆزىنىڭ ھەركىتىنى ماختاشنى تەلەپ قىلماقتىكەن، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى كامېرا ئ‍الدىدا ناخشا ئېيتقۇزۇپ، ئۇسسۇل ئوينىتىپ، خىتايغا قارشى تەنقىدلەرنى ئ‍ەيىبلىتىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاتنىشىشقا مەجبۇرلىماقتا» ئىكەن.

نۇرى تۈركەل ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنى چەكلەش»، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش» قانۇن لايىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانۇن ۋە قارارنامىلەرنى تېز ماقۇللىشى، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنى ئەھدىنامىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا ئۈندىشى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغدىشى، سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ رەسمىيىتىنى تېزلىتىشى، رەقەملىك دىكتاتۇرلىققا قارشى تۇرۇپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىقتىكى رولىنى تەكشۈرۈشى قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت