نۇرىي تۈركەل: ئولىمپىكنى بايقۇت قىلماسلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قارشى ئالغانلىقتۇر

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-06-03
Share

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرىي تۈركەل «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىگە سۈكۈت قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە ئورگانلارنى تەنقىد قىلدى. ئۇ ماقالىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان ھاكىمىيەتنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت بېرىش ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قارشى ئېلىش بىلەن باراۋەر، دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇ ماقالىسىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 1936-يىلى مۇستەبىت ئادولف گىتلېر باشچىلىقىدىكى ناتسىستلار ھاكىمىيىتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە قانداق رۇخسەت بەرگەن بولسا، ھازىرمۇ ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇ خاتالىقنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ پاكىتلىرى تولۇق بىر شارائىتتا سادىر قىلىشىنىڭ قوبۇل قىلغۇسىزلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ ماقالىسىدە گەرچە ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قوللىشى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى دۇنيا رەھبەرلىرىنى بېيجىڭدىكى مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە تېخى بىرەر دۆلەت ۋە ئورگانلاردىن سادا چىقمىغانلىقىنى بايان قىلىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە ئامېرىكا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىر ئاۋاز بىلەن تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى بىكار قىلىش ئارقىلىق جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، دېگەن باھانە ئارقىسىغا ئۆتۈۋالغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ: «ئولىمپىك ئەمەلدارلىرى بېشىنى قۇمغا تىقىۋېلىش ئارقىلىقمۇ ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلمايدىغانلىقىنى تونۇشى كېرەك» دېگەن.

نۇرىي تۈركەل ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتىنى قىلىش ۋە جىنايەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن زور پۇرسەت دەپ قاراۋاتقان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بايقۇت قىلىشىنىڭ خەلقئارۋى ئىنكاس پەيدا قىلىشتا ئاجايىپ زور رولى بارلىقىنى ۋە بۇنىڭ 2014-يىلىدىكى سوچى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئۆرنەكلىرى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىك روھىغا پۈتۈنلەي خىلاپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان خىتايغا بۇنداق پۇرسەت بېرىش ئارقىلىق زور تەشۋىقات پۇرسىتى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئەسلى ئەپتى-بەشرىسىدىن يۆتكەش پۇرسىتى بېرىۋاتىدۇ. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاقلاپلا قالماي، ئولىمپىك روھى ۋەكىللىكىدىكى ئەۋزەللىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىمۇ سۇسلاشتۇرىدۇ».

نۇرىي تۈركەل يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئاللىقاچان تەيۋەنگە مىڭدىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى توغرىلاپ قويدى، خوڭكوڭدىكى ‹بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم› سىستېمىسىغا خىلاپلىق قىلدى، جەنۇبىي دېڭىزدا ‹كۈلرەڭ رايون› تاكتىكىسىنى قوللاندى ھەمدە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ ھىندىستان بىلەن بولغان چېگراسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلدى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقىتىدىغان داڭلىق مۇنبەرنى بېرىش ئارقىلىق، كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇزچىلىق ۋە مەجبۇرلاش ھەرىكەتلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ دۆلەتكە چاپان ياپقان بولىدۇ».

نۇرىي تۈركەل ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلىرى بولغان كوكاكولا، نايك ۋە باشقا شىركەتلەرنىڭمۇ جاۋابكارلىقتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى»، دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت