نۇرىي تۈركەل «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.06.15

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق «ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» نىڭ تور بېتىدە 15-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر كومىتېتنىڭ كومىسسارلىرىدىن نۇرىي تۈركەل 15-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ھالدا مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن.

ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يېڭى تەڭشەشتە مۇئاۋىن رەئىسلىككە تەيىنلەنگەن نۇرى تۈركەلنى 2020-يىلى ماي ئېيىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم بىۋاسىتە كومىسسارلىققا تەيىنلىگەنىكەن. نۇرىي تۈركەل خىزمەتكە چۈشكەندىن بۇيان «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ تەسىرچان 100 شەخس»، «بايلىق» ژۇرنىلىنىڭ «دۇنيادىكى 50 نەپەر ئۇلۇغ رەھبەر» قاتارلىق تىزىملىكلىرىدىن ئورۇن ئالغان.

بۇ قېتىم يېڭىدىن تەيىنلەنگەن كومىتېت رەئىسى نەيدىن مېئانزى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەردە مۇئاۋىن رەئىس نۇرىي تۈركەل بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۇرىي تۈركەلنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2022-يىلى ماي ئېيىدا توشىدىكەن. ئۇ ھازىر قوشۇمچە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» ھەيئەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.