ئۆزبېك ياش سەيفۇللا سەئىپوف نيۇ-يوركتا ئېلىپ بارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 8 كىشىنى ئۆلتۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.11.01

ئامېرىكىغا 2010-يىلى ئۆزبېكىستاندىن كېلىپ قانۇنلۇق يەرلەشكەن 29 ياشلىق سەيفۇللا سەئىپوف سەيشەنبە كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ، 8 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يارىدار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

س ن ن نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەيفۇللا سەئىپوف سەيشەنبە كۈنى چوڭ ماشىنىدىن بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ، بۇ ماشىنا ئارقىلىق نيۇ-يورك شەھىرى ئىچىدىكى يولۇچىلار ۋە ۋېلىسىپىت ماڭىدىغان يولغا بۆسۈپ كىرىپ، ئۇدۇل كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. نەتىجىدە، ئاتالمىش «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ نامىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھۇجۇم جەريانىدا 8 ئادەم ئۆلگەن ۋە نۇرغۇن كىشىلەر يارىدار بولغان.

نيۇ-يورك ساقچىلىرى ئۇنىڭغا ئوق چىقىرىپ يارىدار قىلغاندىن كېيىن تىرىك قولغا چۈشۈرگەن. س ن ن نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمى «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن نيۇ-يورك شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئەڭ چوڭ تېررورلۇق ھۇجۇم بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستانلىق سەيفۇللا سەئىپوف ئېلىپ بارغان بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن قاتتىق نەپرەتلەنگەن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزايېف چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۆزىنىڭ ئۆلگۈچىلەر ئائىلىسىگە ئالاھىدە تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى، ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزايېف مەكتۇپىدا يەنە سەيفۇللا سەئىپوفنىڭ ئېلىپ بارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، «بۇنداق قەبىھ ۋە شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زوراۋانلىق ھەرىكەتنى ھەرگىزمۇ كەچۈرگىلى بولمايدۇ،» دېگەن.

سەيفۇللا سەئىپوف ئامېرىكاغا قانۇنلۇق يەرلىشىپ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن تۇنجى كىشى ئەمەس. قىرغىزىستاندىن ئامېرىكىغا قانۇنلۇق كېلىپ يەرلەشكەن مىللىتى چېچەن ئىككى ئاكا-ئۇكا جوخار ۋە تامېرلان سارنايېف 2013-يىلى ئاپرېلدا بوستون شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان مارافونچە مۇسابىقىگە قارشى تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ، 3 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە 260 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىدار بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى. ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى ئاكا-ئۇكىغا چېچەنلەرنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتى قولىدا ئۇچرىغان زىيانكەشلىكنى نەزەردە تۇتۇپ سىياسىي پاناھلىق ۋە ۋەتەنداشلىق بەرگەن.

ئۆزبېك ياش سەيفۇللا سەئىپوف بولسا ئامېرىكانىڭ يېشىل كارتا لاتارىيەسىنى ئۇتقاندىن كېيىن ئامېرىكاغا يەرلەشكەن ئىكەن.

سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەيفۇللا سەئىپوف، جوخار ۋە ئىنىسى تامېرلان سارنايېفلەرنىڭ ئامېرىكاغا كېلىپ بۇنداق تېررورلۇق ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىشى، خۇددى ئاش بەرگەنگە مۇشت بەرگەندەك بىر ئىش ئىكەن. چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇلارنى جاپالىق ھايات ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇپ، بۇلارغا پاناھلىق، ھەتتا ۋەتەنداشلىق بەرسىمۇ، ئامېرىكىغا مىننەتدارلىق بىلدۇرىشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن جاۋاب بەرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى ئاكا-ئۇكا چېچەنلىك 2013-يىلى بوستون شەھىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ بىگۇناھ ھەلقنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ رۇسىيەنىڭ زۇلىمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان چېچەنلەرگە بولغان ھېسسىداشلىقى يوقالغان.

بۇ يىل يېڭى يىل ئاخشىمى ئىستانبۇلنىڭ رەينا كۇلۇبىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 39 ئادەم ئۆلگەن ۋە 69 ئادەم يارىدار بولغان ئىدى. بۇ ھۇجۇمنى قوزغىغان كىشى ئۆزبېك بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھۇجۇم ئۇيغۇرغا ئارتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئىجابىي ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىق بارغانسېرى ئازايماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.