«نيۇ-يورك ۋاقتى»: «ئىنسان مەنىۋىيىتىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان رېجىم ئاخىرىدا مەغلۇپ بولىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.09.17

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى، «يېرۇسالېم پوچتىسى» گېزىتىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى ئىبرەت ستېۋېن ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەنىۋىيىتىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقى، لېكىن ئىنسان مەنىۋىيىتىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان ھاكىمىيەتنىڭ ئاخىرىدا چوقۇم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىبرەت ستېۋېننىڭ «خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇلۇمى: ئىنسان مەنىۋىيىتىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان ھاكىمىيەت ئاخىرىدا مەغلۇپ بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك قايتا -تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئاتالمىش «ئاشقۇن ئىدىيەلەرنى يۇقتۇرۇۋالغان» كىشىلەرنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشكەنلىكىنى ئانالىز قىلغان.

ئۇ ماقالىسىدە ئامېرىكىدىكى «زامان» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى كرېست باكلېينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى زىيارەت خاتىرىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «ئاممىۋى يىغىلىش، كوللېكتىپ ئىقرار قىلىش، خىزمەت ئۆمىكى چۈشۈرۈپ، ئۆكتىچىلەرنى قېزىپ چىقىش» تەك ماۋ دەۋرىنى ئەسلىتىدىغان ماۋ دەۋرىدىكى مۇشتۇمزور ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇيغۇر مەنىۋىيىتىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا قىلىۋاتقان ئىشلىرىدا يالغانچىلىق قىلماقتائىكەن. برەت ستىۋېن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشانغا ئالغانلىقى ياكى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى» نى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇلارنى ئىنكار قىلىشنىڭ ھۆكۈمەت ئۆزى ئېلان قىلغان ماتېرىياللارغا خىلاپ ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بۇنى ئىنكار قىلىشى ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرنىڭ بەزىدە قانچىلىك بېجىرىكسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشقۇنلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ۋەھشىيانە باستۇرۇش مېتودى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىكەن. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنىۋىيەتكە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئۆلتۈرۈشكە، ئەسىر ئېلىشقا، يوقىتىشقا ياكى داۋالاشقا بولمايدىغان بىر نەرسىنى دۈشمەن قىلىپ تاللىۋالغانلىقى، «ئۇنىڭ مەلۇم نۇقتىغا كەلگەندە خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىدەك يا ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقى ۋە ياكى ئۆزىنى ئۆزى ۋەيران قىلىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.