ئوباما بۇ يىل مارتتا ئافغان پرېزىدېنتى غەنىنى قوبۇل قىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-03-01
Share


ئامېرىكا ئاقساراي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۇ يىل مارتتا ئافغان پرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىدىكى بىر قىسىم خادىملارنى قوبۇل قىلىدىكەن.

بۇ ئۇچۇرلارنى 27 - فېۋرال ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست ئاشكارىلىدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى 24 - مارت ئاقسارايدا ئۇچرىشىپ، خەۋپسىزلىك، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئافغانىستان تەرەپ ئوز جەمئىيىتىدىكى ئوخشىمىغان كۈچلەر ئارىدىكى دۈشمەنلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن باشلىغان ياراش تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللاش تەرەپلەردە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.

ئافغانىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى 22 - مارتتىن 25 - مارتقىچە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولىدىكەن.

بۇ ئافغان پرېزىدېنتى ئەشرەف غېنىنىڭ ئوتكەن يىلى پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت