ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە خىتاي ئېتىراز بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-02-22
Share

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتنى چاقىرتىپ ئېتىراز بىلدۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى جاڭ يېسۈي ئامېرىكنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ئەلچىسى دانىېل كرىتېنبرىنكنى چاقىرتقان ۋە ئۇنىڭغا خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا قارىماي ئوبامانىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلغانلىقىدىن خىتاينىڭ قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى ئېيتقان.

جاڭ باياناتىدا ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ تىبەت مۇستەقىللىقنى قوللانماسلىق مەيدانىغا خاپىلىق قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوباما دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەندە تىبەت خەلقنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئوبامانىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۇنى دالاي لامانى قوبۇل قىلماسلىققا چاقىرغان.

ھالبۇكى، ئوباما خىتاينىڭ نارازىلىقنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، دالاي لامانى جۈمە كۈنى ئاقسارايدا قوبۇل قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت