ئوباما فرانسىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.01.10


جۈمە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بايانات بېرىپ، فرانسىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى فرانسىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قانلىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تېننېسسى شتاتىدىكى بىر يىغىلىشتا ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: مەن فرانسىيە خەلقىگە شۇنى بىلدۈرمەكچىمەنكى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھازىر ۋە كەلگۈسىدىمۇ سىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ.

فرانسىيەنى «كونا ئىتتىپاقداش» دەپ ئاتىغان ئوباما پارىژ شەھىرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن ھامان ئامېرىكىنىڭ ساقچى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنى ئىشقا سېلىپ فرانسىيەنى كېرەكلىك ر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

چارشەنبە كۈنى فرانسىيەدىكى بىر ھەجۋىي رەسىملەر ژۇرنىلى «چارلىي ھەبدو» نىڭ باش رېداكسىيەسى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 12 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن فرانسىيە ساقچىلىرى گۇماندارلارنى جۈمە كۈندىكى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىدە ئېتىپ تاشلىغان.

ئوباما يۇقىرىقى سۆزلەرنى پارىژدىكى قانلىق ۋەقە ئارىلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە، گەرچە بۇ نۆۋەتلىك ۋەقە تىنچىتىلغان بولسىمۇ، فرانسىيەنىڭ ھەر زامان ھوشيار بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.