ئوباما ھىندىستان زىيارىتىنى باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-01-25
Share


ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما يەكشەنبە كۈنى ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىگە يېتىپ كېلىپ، بۇ دۆلەتكە قاراتقان دۆلەت زىيارىتىنى باشلىدى. ئوباما ناھايىتى داغدۇغىلىق قارشى ئېلىنغان بولۇپ، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىۋاسىتە ئايرودرومىغا چىقىپ، ئوبامانى كۈتۇۋالدى.

ئىككى رەھبەر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى ھىندىستان زىيارىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما دۈشەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ دۆلەت قۇرۇلۇش بايرام مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. بۇ، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ بىرىنچى قېتىم ھىندىستان دۆلەت بايرىمى مۇراسىمىغا قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئوبمانىڭ ھىندىستان سەپىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ھىندىستان دائىرىلىرى كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغان بولۇپ، كوچىلارغا بىر قانچە مىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش خادىملىرىنى قويغان، ھەممە يەردە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرىنى كۈچەيتكەن.

بۇ، ئوبامانىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىم ھىندىستاننى زىيارەت قىلىشى بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدا بىر پرېزىدېنتنىڭ ئىككى قېتىم ھىندىستاننى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئوبامانىڭ ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ خانىمى، مىشەل ئوباما، دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى، سودا مىنىستىرى ھەمدە دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قانچە ئەزاسى قاتارلىقلار ھەمسەپەر بولغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت